باش بەت  中文  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى « يېشىل بېزەكچىلىك» دېگەن نىمە؟-2بۆلۈم - [بېزەكچىلىك بىلىملىرى]

    2009-01-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://yeshil.blogbus.com/logs/34374189.html

    ئىستېمالچىلار دىققەت قىلىدىغان بىر قانچە نۇقتا:

    1) كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ بەزى چىقارغان ئېلانلىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىك. زاۋۇت ياكى سودا ئورۇنلىرىنىڭ ئېلان- تەشۋىقاتلىرىنى كۆپرەك چۈشىنىشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش،ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش،تەتقىق قىلىشىمىز لازىم.

    2) داڭلىق ماركىلارغا ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. مەھسۇلاتلارنىڭ داڭلىقلىقى ئۇنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلىمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ زەھەرلىك تەرەپلىرى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

    3) دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن زاۋۇتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. بولۇپمۇ سۈپەت دەرىجىسى 9000OSI دىن ئۆتكەن ھەمدە دۆلىتىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى بولۇشى كېرەك.

    4) باشقىلارنىڭ زىننەتلەش ماتېرىياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە چۈشىنىشىمىز لازىم.

    5) مەرمەر تاش ۋە گرانىت تاش قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ خىمىيىلىك ماددىلارنى چىقىرىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتتىمۇ- يوق؟

    6) ساقلىقنى ساقلاش،مىكروپقا قارشى تۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەندە مىكروب ئۆلتۈرۈش ئەينىكى ۋە مىكرۇبتىن مۇداپىئە قىلىش فارفۇر خىشىنى ئىشلىتىش.

    7) بىر قەدەر ياخشى بولغان مۇھىت ئاسىراش تىپىدىكى يېشىل ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش.

    8) تەبئىي دەرەخ مېيىدىن ياسالغان سىرلارنى ئىشلىتىش.

    9) ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى مۇھىت ئاسىراش ئۆلچىمىگە يەتكەنمۇ- يوق؟تاختايلاردا غىدىقلايدىغان غەيرى پۇراق بارمۇ- يوق؟مۇشۇلارغا دىققەت قىلىش لازىم.

    3. مۇھىت  ئاسىراش تىپىدىكى يېشىل قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش:

    مۇھىت  ئاسىراش تىپىدىكى يېشىل ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئىشلەش جەريانىدا باشتىن- ئاخىرى ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانى تەڭشەپ تۇرۇش،دېرىزىلەرنى ئېچىپ زەھەرلىك ھاۋالارنى سىرتقا چىقىرىش. مۇشۇ ئارقىلىق قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى يوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

    4. مۇھىت ئاسىراش  تىپىدىكى يېشىل ئۆي جاھازلىرىنى ئىشلىتىش:

    ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرىدىكى فورمالدېگىد نەدىن كەلگەن؟

    فورمالدېگىدنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ياشىغاندا،فورمالدېگىد بىلەن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتىكى ئالامەتلىرى باش قېيىش،غەيرى پۇراقلىرىدىن بۇرۇننى غىدىقلاش،كۆزدىن ياش ئېقىش،يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. فورمالدېگىد بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچراشقاندا،راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئۆينى زىننەتلەش ماتېرىياللىرىدا مەسىلەن: پول،بەزى ئائىلە سايمانلىرى،ئاشخانا سايمانلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىغان يېلىمنىڭ فورمالدېگىد تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى،شۇڭا دۆلىتىمىز بۇ خىلدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ بەردى.  شۇنىڭ ئۈچۈن ماتېرىياللارنى تاللاپ سېتىۋېلىشتا،ئۇنىڭ ماركىسىغا ۋە چىققان ئورنىغا،شۇنداقلا تەكشۈرۈش دوكلاتىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. زىننەتلىگەندىن كېيىنكى ئۆيلەردە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆچۈپ كىرىش. باشقا سۈنئىي تاختايلاردىن  مەسىلەن: داسوڭبەن،سەنخېبەن،ۋۇخېبەن قاتارلىق ماتېرىياللارغا ئىشلىتىدىغان يېپىشتۇرۇش يىلىم ماتېرىياللىرى سۇيۇلدۇرۇلۇپ تەڭشەلگەنلىكتىن بۇنىڭدا،فورمالدېگىد تەركىبى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

    فورمالدېگىد چىقىرىش مىقدارى مەھسۇلاتنى ئۆلچەشتىكى ئۆلچەم بولىدۇ. ھازىرقى زىننەتلەش تاختايلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان يىلىم ئاساسىي جەھەتتىن دەرەخ مايلىرىنى ئاساس قىلغان،يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن بۇنىڭ ئەتراپىدا فورمالدېگىد چىقىرىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. مۇشۇنداق زەھەرلىك ماددىلارنى سايمان ئارقىلىق ئۆلچىمىسەك،ئادەتتە كىشىلەر كۆز بىلەن كۆرۈش ياكى پۇراش ئارقىلىق سېزەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابى ئارقىلىق ياشاۋاتقان مۇھىتىڭىزدا زەھەرلىك ماددىلار بارمۇ- يوق؟مۇھىت بۇلغاندىمۇ- يوق؟تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

    يېشىل زىننەتلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

    تامنى سىرلىغاندا ئىچكى بۇلغىنىشقا دىققەت قىلىش:

    سىرنى تاللىغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ رەڭگى ۋە پارقىراقلىقىغا دىققەت قىلغاندىن سىرت،ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ مۇھىتنى ئاسىراش تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ئادەتتە چەتئەل بىلەن شېرىكلىشىپ ئاچقان زاۋۇت- كارخانىلاردىكى سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن،سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ماتېرىياللاردا مۇھىتنى ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. لىباڭ،دولېشې،لەيۋېي،يادو،شىڭزۇلى،جۇڭخۇا،موۋىيئىر قاتارلىق ماركىدىكى سىر ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى. سىرنى تاللاپ سېتىۋالغاندا،چوقۇم داڭلىق ماركىلار دۇكىنىدىن سېىتىۋېلىشىمىز كېرەك.

    قوشۇمچە ماتېرىياللارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا سىرغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. داڭلىق ماركىلىق سىرلارنى ئىشلەتكەندە،بۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىپلا قالماستىن بىر پۈتۈن ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. مۇھىتنى ئاسىراش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ مۇتلەق شۇنداق قىلىش زۆرۈر. بۇنىڭدىن باشقا تام زاماسكىسىغا ئارىلاشتۇرۇلىدىغان يېلىمغا دىققەت قىلىش لازىم ، ئادەتتە بىز داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقان 107يىېلىمىدا ئازدۇر-كۆپتۇر  زىيانلىق ماددا بار. دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە بۇ يېلىمنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دېيىلگەن. مۇشۇنداق خىلدىكى قوشۇمچە ماتېرىياللارغا كىشىلەر دىققەت قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.

    پولدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان زەھەرلىك ماددىدىن ساقلىنىش.

    ھەقىقى بىخەتەر پول دېگىنىمىز - ئۆلچەمگە توشقان، كىشىلەرگە زىيانسىز، ئىشلىتىش جەريانىدا ھېچقانداق سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلمەيدىغان. يېيىتىش جەريانىدا مۇھىتقا زىيانلىق تەرەپلىرى يوق پول ماتىرىياللىرىدۇر.

    ھازىر ئىشلىنىۋاتقان پول تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدىكى تەبئىي پوللاردىكى زەھەرلىك ماددا بار- يوقلىقىنى تەكشۈرگەندە ،ساختا پوللاردا زەھەرلىك ماددا  بايقىلىپ قالىدۇ .

    زەھەرلىك ماددىلار تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ.

    بىرىنچىدىن،تاختاينى يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يېلىملاردا فورمالدېگىد چىقىرىش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر فورمالدېگىد چىقىرىش مىقدارى 40mg-100g دىن ئېشىپ كەتسە كىشىلەرگە زىيانلىق. مۇھىت  ئاسىراش ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى فورمالدېگىد مىقدارى mg-100g10 ئەتراپىدا بولغان يېشىل، مۇھىتنى ئاسرايدىغان تاختايلارنى ئىشلىتىڭ. مەسىلەن: 欧典船甲板、柏高、圣象 قاتارلىق ماركىلىقلىرىنى ئىشلىتىڭ. بۇلارنى خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

    ئىككىنچىدىن،پول سىرلاش جەريانىدا ئىشلەتكەن سىرلىرىمىزغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم، مەسىلەن: فورمالدېگىد  ۋە باشقا زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان پول سىرلىرى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق ھاۋا بۇلغانمىسى چىقىرىدۇ،سىز مۇشۇنداق سىرلارنى سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىڭ ،ئامال بار پىششىقلانمىغان تاختاينى سېتىۋالماڭ.

    پول سېتىۋېلىشتا،پولنىڭ ئۆلچىمىگە قاراپ ،شۇ بويىچە  تاللاپ سېتىۋالساق بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ تاللىشى بويىچە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەر ئۆلچىمىگە توشقان پولنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

    ئومۇمەن ئېيتقاندا،ئۆينى زىننەتلەشتە مۇھىتنى ئاسرايدىغان،بىخەتەر بولغان ماتېرىياللارنى تاللىساق بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن شۇنداقلا ساغلام ھايات كەچۈرۈشتە زىيانسىز ماتېرىياللارنى تاللاپ ئىشلىتىڭ.

     

     

    مەزكۇرماتىرىيالنى تەييارلاپ بەرگەن  «قۇتلۇق كومپىيوتىر مۇلازىمەت مەركىزى»گە ئالاھىدە رەھمەت  ئېيتىمىز.


    收藏到:Del.icio.us





    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولغاي. مەن سىزنىڭ ئۆز كەسپىەڭىز ئۈستىدە ئىزدىنىش روھىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. نەتىجە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ.... توختىماي تىرىشقايسىز، ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلغاي..
    ئىلانلىرىڭىزنى چىكىۋەتتىم. خالىسىڭىز سىزمۇ مىنىڭ ئىلانلىرىمنى .........................
    ئېغىر كۆرمەي مىنىڭ بىلوگىمنى ئولىنىش قىلىپ قويسىڭىز.
    بىلوگ نامى: يىڭىلىقلار
    ئادرىسى: http://darslik8.blogbus.com
    تۇغ ئادرىسى: http://darslik8.blogbus.com/files/12330380740.jpg
    yeshil回复ئوسمان说:
    رەھمەت دوستۇم ، ئاللا خالىسا ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن .
    ئۇلىنىش قىلىپ قوياي ، تەڭ ئىلگىرىلەيلى ، يەنە كېلىشىڭىزدە قىممەتلىك تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    2009-01-30 00:18:56