-
2012-يىللىق ئەڭ مودا رەڭ ئاپلىسىن رەڭگى - [تەرمىلەر]
2012-01-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://yeshil.blogbus.com/logs/188191984.html
ئاپىلىسىن رەڭگى 2012-يىلى قاتتىق مودا بولىدىغان رەڭ بۇلۇپ، ھاياتى كۈچكە ئىگە چاقناپ تۇرىدىغان ئاپىلىسىن رەڭگى 2012-يىللىق يىل رەڭگى دەپ ئاتالدى . ئۇ ھەر قانداق لاھىيەگە قىزغىنلىق ۋە كۆتىرەڭگۈ روھ ئاتا قىلدى . بۇ رەڭ ھەر قانداق بازارغا ماس كىلىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .ئۇ ھەتتا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان تام رەسىملىرىدىن تارتىپ كىيىم كىچەكلەرگىچە ئىشلىتىلىپ ئۇلارنى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىدۇ .
ئاپلىسىن رەڭگى يەنە شوخ ۋە روھلۇق كۆرسىتىدىغان قىزىل رەڭ ۋە يىقىملىق ئىللىق سېرىق رەڭ بىلەن زىچ بىرىكىپ ،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سېھرى كۈچكە ئىگە رەڭلەر بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن بىرخىل ئىللىقلىق ۋە قايناق ھىسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .
ئاپلىسىن رەڭگى 2012-يىللىق ئەتىياز ۋە يازلىق ھەپتىلىك كىيىم كىچەك كۆزگەزمىسىدە كۈچلۈك ھالدا ئىكران يۈزىنى ئىگەللىدى . نۇرغۇن يىڭى پاسونلار ،كاستىيومدىن تارتىپ چاپان ۋە كۆينەكلەرگىچە بىرخىل جانلىقلىق ئاتا قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا رەڭلەر لاھىيلىگۈچىنىڭ قىزغىنلىقى بويىچە يەنە رەسىملىك خوسۇسىيەت كىرگۈزۈلۈپ ، جەلىپ قىلىش كۈچىنى باشقا رەڭلەر بىلەن ئالاھىدە سىلىشتۇرما قىلغان .Burberry Prorsumئىشلەتكەن ئاپلىسىن رەڭلىك تىمىلچىلار 2012-يىللىق ئەڭ مودا لاھىيە بۇلۇپ قالغان .ئاپلىسىن رەڭلىك جابدۇقلار ئۆزىنىڭ يارقىنلىقى بىلەن پۈتۈن ئۈستىباشقا باشقىچە تۈس بېرىدۇ . نۇرغۇن خانىم- قىزلار مۇشۇنداق ياڭراق رەڭلىك جابدۇقلارنى تاقاش ياڭراق كىيىم كىچەكلەرنى كىيگەنگە قارىغاندا بەكرەك قۇبۇل قىللارلىق دەپ قارايدۇ. بۇ خىل رەڭلەردىن ماسلاشتۇرۇپ جابدۇقلارنى تاقىسا بەك كۆركەم بۇلۇپ، ئاساسلىقى قول سومكىسى ، زىننەت بۇيۇملىرى ، دوپپا ، كۆزەينەك جازىسى، ئاياق قاتارلىقلار .رەڭنى باش كىيىمنىڭ قىرىغا ۋە ئاياقنىڭ پاشنىسىغا ماسلاشتۇرۇش دەل كىشى ئويلاپ يىتەلمىگەن ئىشلىتىش ئورۇنلىرىدۇر.
مايكىغا قىسمەن رەڭ بېرىش ۋە ئىسسىق رەڭلىق گۈللەرنى چىكىش ئارقىلىق ئاپلىسىن رەڭگى ئەرلەرنىڭ سەھنىسىدىمۇ ئاساسلىق ئورۇننى ئالدى . بۇ خىل رەڭ يەنە ھەر قاتلام ياشتىكى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، دەم ئىلىش كۈندىكىدەك ياسىنىۋالغان ياشلاردىن تارتىپ مودا كىيىم ھەپتىلىكىنىڭ كەسپى مۆتىۋەرلىرىگىچە ھەممىسى دادىللىق بىلەن بۇ خىل مودىنى سىناپ بېقىشتى . دىڭىز ئارمىيە كۆكىمۇ 2012-يىللىق مودا كىيىملەر سەھنىسىنىڭ مودا ئىقىمىنىڭ بىرى ، كوچىلاردىكى مودا ئەرلەر ئاپلىسىن رەڭگىنى سۈت رەڭ ۋە يىشىل رەڭلەرنىڭ ئىچىگە ئاستا ئاستا سىڭدۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ .
ئاپلىسىن رەڭگى ياشلىق ھاياتى كۈچ ئىگە بولغانلىقى بىلەن يەنە بالىلار كىيىملىرىدىمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر تاللاشقا ئىگە بولدى . چىرايلىق ۋە يارقىن بۇ رەڭ قىز بالىغا ۋە ئوغۇل بالىغا ئوخشاشلا ماسلىشىدۇ . بۇ رەڭ يەنە كىلىپ كىچىك قىزلارنىڭ كۆينىكى ۋە ئايىقىغا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەرنىڭ ئەڭ ياخشى مەڭگۈلۈك تاللىشى بۇلۇپ قالدى . ئوغۇل بالىلارنىڭ كىيىملىرىگە سىزىقلىق ۋە گۈللۈك شەكىللەرنى ئىشلىتىش تىخىمۇ مودا بولدى . چاچما رەڭ ئاپلىسىن رەڭگىنىڭ يەنە بىر خىل ئىشلىتىلىشى . باشقا خىل مودا ئىجادىيەتلەر تىخىمۇ ئەۋج ئالدى .
ئاپلىسىن رەڭگى يەنە يۇيۇش ئۇسلۇبىدا يىڭى رەڭ تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇپ يارىتىلدى . بەزى پاسونلار پۈتۈنلەي يۇيۇش ئۇسلوبىدىكى ئۈنۈم بويىچە لاھىيلەنگەن . بەزىلىرى ھاك ئارقىلىق گۈل چىقىرىش ۋە سىزىقچە چىقىرىش ئارقىلىق لاھىيلەنگەن. ئۇپرىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپلىسىن رەڭلىك يىپچىلارنى ھاسىل قىلغان . بۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولدى .
شۇنچىلىك كۆزگە تاشلىنىدىغان بۇ رەڭ يەنە تەنتەربىيە بۇيۇملىرى، كىيىم كىچەك ۋە ئەسۋابلاردىمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى . يەنە تەنتەربىيە كىيىملىرىنىڭ لاھىيەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان رەڭلەرنىڭ بىرى . بۇ ئاساسلىق دولقۇن تېيىلىش ۋە قار تېيلىش جابدۇقلىرى، لېججىڭ ماركىسىدىكى سۇ ئۈزۈش جابدۇقلىرىغا كۆپ ئىشلىتىلدى . يەنە پوتبول ئايىقىنىڭ مۇھىم جايلىرىغا يەنى بوغقۇچى ۋە ئاياق تەگلىكىگە ئىشلىتىلدى . يەنە باشقا خىل رەڭلەرگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگىچىلىكىنى يەنىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى .
ئاپلىسىن رەڭگى يەنە ئۆي جاھازىلىرىنىڭ لاھىيلىنىشىگىمۇ ئاق رەڭ قوشۇلغان ئاساستا ئىشلىتىلگەن بولۇپ،كىشىگە پاكىز ئازادە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.ئۇ يەنە ئورۇندۇقلارنىڭ مۇۋاپىق رەڭگى قىلىپ تاللاندى . ئاپلىسىن رەڭگى ئۇستىلىق بىلەن ئاق رەڭلەر ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاشخانىغا ئىشلىتىلسە كۆزگە تىخىمۇ يورۇق كۆرىنىدۇ . بۇ رەڭ يەنە ئويما رەسىم ۋە چاپلانما رەسىملەردىمۇ قوللاندى . نۇرغۇن ئاساسلىق رەڭلەر ئىچىدىمۇ ئاپلىسىن رەڭگى ئالاھىدە ئورۇننى ئالدى .
ئاپلىسىن رەڭگى يەنە گىرىم بۇيۇملىرى ئىچىگىمۇ سىڭىپ كىردى . يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بۇ رەڭ چاچلارغا لەۋلەرگە قاپاقلارغا ۋە تىرناقلارغا ئىشلىتىلدى . ھەتتا ئاپلىسىن رەڭلىك كۆز سىزىقى سۇيۇقلىقى بارلىققا كەلدى . Pantone شىركىتىدىكى Leatrice Eiseman بۇيىلىقى مودا رەڭ گىرىم ساھەسىدە ‹ بىر خىل دوستانىلىق ۋە كۈچلۈك بولمىغان ئىندىۋىداللىققا ئىگە خۇسۇسىيىتى › ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئالاھىدە قىزىقتۇرىدۇ .
سۈبھى ۋە شەپەقنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئەسلىتىدىغان رەڭ ئۆزگىرىشى ھادىسىسى يەنى ئاپلىسىن رەڭ بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان كۆك رەڭ مۇكەممەل بىرلەشكەندە كوچىدا باشقىچە قارشى ئالارلىق مودا رەڭنى شەكىللەندۈرىدۇ .كوچىدا ئاددى تەمكىن كۆرۈنگەن بۇ ماسلاشقان رەڭلەر ت سەھنىسىدە كۈچىنى كۆرسىتىدۇ . ئۆزگىچىلىككە ئىگە رەڭلەر ۋە ماسلاشتۇرۇلغان ھەر خىل گۈللەر كىشىگە ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ .
دىڭىز كۆكى ۋە يىشىل رەڭلەر ئاپلىسىن رەڭگە بىلەن ماسلاشقاندا كىشى ئويلاپ يىتەلمىگەب بىر مۇكەممەللىكنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇ ھەم يەنە 2012-يىللىق ئەتىياز كۈز پەسىللىك مودا رەڭلەردۇر . ئىككى خىل رەڭ ئاساسلىق كىيىم كىچەك ، زىننەت بۇيۇملىرى . ئۆي جابدۇقلىرى قاتارلىقلاردا ئايرىم ئايرىم ھالدا بىرىكتۈرىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . J.Crew نىڭ 2011- يىللىق لاھىيەسى ئىچىدە ئاپلىسىن رەڭگى ۋە يىشىل رەڭنى بىرىكتۈرۈپ لاھىيلىگەن بىر شارپىسى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكەن . سۆسۈن رەڭ ، قارا رەڭ ۋە ئاق رەڭلەر چەكمە رەڭ بۇلۇپ قوللىنىلغان .
Moodyئارلاشما رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئىللىق رەڭ دەرىجىسىدۇر . بۇ سۇس قىنىق سىزىقچىلار ۋە ئارلاشما يىپچىلارنىڭ توقۇلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ،بۇ رەڭلەر 2012- يىللىق باس-باس رەڭ تۈركىمى بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن . يىقىملىق ئاپلىسىن رەڭگى يەنىلا بۇ ئوتقاشتەك رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن رەڭ بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
收藏到:Del.icio.us


