-
ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
2008-03-10
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://yeshil.blogbus.com/logs/16727151.html
ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىزلەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ،
قەلەندەردەك كىزىپ يۈردۈم چىكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى .
ۋە لىكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۈشبۇ مەقسەتنى ،
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرۇ ھېكمەتنى ،
ئىشىت دىلبەر ، بايان ئەيلەپ ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى.تۇغۇلغان ئىككى مۆئىمىندىن ، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل .
نەزەر سالساق بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل ،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل ،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى .يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق ، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ،
بېغىمغا كۈز يىتىپ كەلدى ، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت ،
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم - ھەسرەت ،
ئازاپلاپ كېچەيۇ - كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت ،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق مالامەتنى .ئانا يۇرتۇم بىرىپ ئاق سۈت ، بېقىپ ئۆستۈردى مڭ ئاسراپ ،
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ ،
بىرىپ تىل ھەم ئەقىل - ئىدراك ، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ-مىڭلاپ ،
نىچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانىلىق مېھىر - شەپقەتنى .باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە ،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەندى - ئادەمدە ،
ۋاھالەنكى ، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرىز بۇ زىممىدە ،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە،
ئۆۈرنى زايە قىلما سەن ، ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى .خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناپ ،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق .
چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق ،
ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش ، ھەرگىز ئەمەس بۇ بىزگە ئاۋۇنچاق ،
يۇلاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى .پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ، تارقىدى ئەپسۇس.
ھاياتىم گەرچە پۇشماقلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
ۋە لىكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن .
شۈكۈر كىم، قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى .تەپەككۇر كۆزىلە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىر مەررە ،
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە .
چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە ،
كىشىكىم بىلسە بۇ بەلكى غەزىنە سىرىدىن زەررە ،
پىكىر قىل ھەم چۈشەن ، ئۆگەن بۇ جانلىق سىرۇ-ھىكمەتنى .بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك ،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆز زاتىنى خۇپراق .
مىسال: قارىغۇ نىچۈن بىلسۇن ، قۇياش قانداقغۇ ئاي قانداق ؟
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈن ياپراق .
دىمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى - پاراسەتنى .ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەركىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن.
لېكىن نەدە ، قاچان ، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن؟
يىشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋۇ دەۋرى - دەۋراندىن .
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.جاھان باقى ئەمەس ، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان ،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان .
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل ، جاھانغا بىھېساپ كارۋان ،
ئۆتەر دۇنيا ، كېچەر دۇنيا ، پەقەت خەلقلا سۈرەر داۋران .
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى .
收藏到:Del.icio.us


