باش بەت  中文  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • 2012-يىللىق ئەڭ مودا رەڭ ئاپلىسىن رەڭگى

    2012-01-18

    ئاپىلىسىن رەڭگى 2012-يىلى قاتتىق مودا بولىدىغان رەڭ بۇلۇپ، ھاياتى كۈچكە ئىگە چاقناپ تۇرىدىغان ئاپىلىسىن رەڭگى  2012-يىللىق يىل رەڭگى دەپ ئاتالدى . ئۇ ھەر قانداق لاھىيەگە قىزغىنلىق ۋە كۆتىرەڭگۈ روھ ئاتا قىلدى . بۇ رەڭ ھەر قانداق بازارغا ماس كىلىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .ئۇ ھەتتا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان تام رەسىملىرىدىن تارتىپ كىيىم كىچەكلەرگىچە ئىشلىتىلىپ ئۇلارنى جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىدۇ .